مىنىڭ سىلەرنىڭ ھايالىق بولۇش جەھەتتىكى ئەھكامىڭلار ئەرلەردىن سىيگەندە زوڭزىيىشنى ياكى ئىگىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ چۈشەنگىنىم توغرىمۇ ؟ بىلمىدىم ، ئەگەر ئەرلەرنىڭ ياتىقىدا ئۇلارنىڭ بىرى مۇسۇلمان بولسا ھەمدە ئۇنىڭ ياتىقى تازلىق ئۆيىگە يىقىن بولسا ، كىچىك تەرەت قىلغۇچنى ئىشلەتمەسلىك تىخىمۇ ئەدەپلىك بولۇش بولامدۇ ؟ بىلىمەنكى ، كۆپ سانلىق غەرپ ئاياللىرىغا قارىغاندا مۇسۇلمان ئاياللارغا قويۇلىدىغان ئەدەپ-ھايا قانۇن-نىزاملىرى تولىمۇ قاتتىق ، شۇ سەۋەپتىن مەن مۇسۇلمان ئاياللارنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىمەن . مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى بىلمەي ، ئۇلارغا ئازار بىرىپ قويۇشنى خالىمايمەن . تىزراق جاۋاپ بىرىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت . ئاللاھ سىزنى بارلىق يامانلىقتىن ساقلىسۇن ھەمدە سىزنى سالامەت ۋە ئامان- ئىسەن قىلسۇن .
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ئالدى بىلەن ، بىز سىزنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھىسسىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە ھەمدە
ئۇلارغا ئازار بىرىدىغان نەرسىلەرنى بىلىش ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا
بولغان تىرىشچانلىقلىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز . بىز سۇئالىڭىزغا تەپسىلىي ۋە زىيادە
قىلىپ جاۋاپ بىرىش بىلەن خۇشالمىز ، ئۈمۈدكى ئۇ سىزگە كاتتا ياخشىلىقلارغا يول
ئاچقاي !
مۇبارەك ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولسا چوڭ بولسۇن ، كىچىك
بولسۇن بىزگە بۇيرۇلمىغان ياكى ئۇنىڭ يولى كۆرسىتىلمىگەن ياخشى ئىش يوق ، ھەمدە چوڭ
ياكى كىچىك بولسۇن بىز ئاگاھلاندۇرۇلمىغان ياكى چەكلەنمىگەن يامان ئىش يوق . ئۇ
ھەممە جەھەتتە تولۇق ۋە مۇكەممەل بولۇپ ، ئۇ غەيرى مۇسۇلمانلارنى ھەيران
قالدۇرۋەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) دەۋرىدە مۇشرىكلارنىڭ بىرى سەلمان
فارىسىيغا(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) : " سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە ھەممە
نەرسىنى ئۆگىتىپتۇ ، ھەتتا قانداق چوڭ تەرەت قىلىشنىمۇ .!" دىگەنىكەن . سەلمان
ئۇنىڭغا : " شۇنداق ، ئۇ بىزنى سىيگەندە ياكى چوڭ تەرەت قىلغاندا قىبلىگە
ئالدىمىزنى قىلىشتىن چەكلىدى . . ." دىگەن . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 16 . ئۇ :
بۇ سەھىيھ ياخشى ھەدىيس دىگەن ؛ ئۇ يەنە مۇسلىمنىڭ سەھىيھىدە ۋە باشقىلىرىدا نەقىل
قىلىنغان . ] ئىسلام شەرىئىتىدە ھاجەت قىلىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى ۋە ئەھكاملىرى
كەلگەن بولۇپ ، ئۇلاردىن :
1- سىيگەندە ۋە چوڭ تەرەت قىلغاندا نامز قىبلىسىگە ئالدىنى قىلماسلىق (
مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولسا ئىبراھىيم ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) ئاللاھنىڭ
بۇيرىقى بىلەن مەككىدە سالغان تۆت چاسا ئۆي - كەبە .) بۇ بولسا قىبلىنى ھۆرمەتلەش
ۋە ئاللاھنىڭ دىنى بەلگىلىرىنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت . ئاللاھ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن
: « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھاجەتكە ئولتۇرسا ، قىبلىگە ئالدىنى ۋە ياكى كەينىنى
قىلمىسۇن . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 389 ]
2- سىيگەندە زەكىرىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتماسلىق ، چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « سىلەرنىڭ بىرىڭلار
سىيگەندە زەكىرىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتمىسۇن ۋە ياكى ئوڭ قولى بىلەن تازلىمىسۇن ، ۋە
ياكى قاچىغا تىنمىسۇن . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 150 ]
3- نىجاسەتنى ئوڭ قول بىلەن يوقاتماسلىق ، بەلكى نىجاسەتنى بىۋاستە تازلاشقا سول
قولىنى ئىشلىتىش . چۈنكى يۇقارقى ھەدىيس ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى سەۋەپلىك: « سىلەرنىڭ بىرىڭلار سۈرۈتكەن چاغدا
، ئوڭ قولى بىلەن سۈرتمىسۇن . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 5199 ] ،
پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئايالى ھەفسە(ئاللاھ
ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر يىيىشكە ، ئىچىشكە ، تاھارەت
ئىلىشقا ، كىيىم كىيىشكە ، ۋە نەرسىلەرنى ئىلىش ، بىرىشكە ئوڭ قولىنى ئىشلىتەتتى .
ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا سول قولىنى ئىشلىتەتتى . [ ئىمام ئەھمەد نەقىل
قىلغان ھەمدە ئۇ سەھىيھ جامىئېدا بار ، 4912 .] ، ھەمدە ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل
قىلىندىكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق
دىگەن : « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنى تازلىغاندا ، ئوڭ قولىنى ئىشلەتمىسۇن ، سول
قولى بىلەن نىجاسەتنى تازلىسۇن . » [ ئىبنۇ ماجەھ نەقىل قىلغان ، 308 . ئۇ يەنە
سەھىيھ جامىئېدا بار ، 322 ]
4- ھاجىتىنى ئولتۇرۇپ ۋە يەرگە يىقىن تۇتۇپ قىلىش سۈننەت ، چۈنكى بۇنىڭدا بەكرەك
يۆگىلىدۇ ، ھەمدە سۈيدۈكنىڭ چاچراپ بەدىنىنى ۋە كىيىمىنى مەينەت قىلىۋىتىشىدىن
خاتىرجەم بولىدۇ . ئەگەر خاتىرجەم بولسا ، ئۆرە تۇرۇپ سىيىشكە بولىدۇ .
5- ھاجەت قىلغاندا كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يۆگىلىش ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھاجەت قىلغاندا ئۆزىنى يۆگەشتە ئەڭ ياقتۇرىدىغان نەرسە
دۆڭلۈك ياكى خورمىلىق ئىدى . [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 517 ] ئەگەر كىشى
ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ ، ھاجەت قىلماقچى بولغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان بىر نەرسە
تاپالمىسا ، ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن يىراقلاشسۇن . چۈنكى مۇغىيرە بىن شۇئېبە دىن
نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن :" مەن پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىلەن بىر سەپەردە بولدۇم ، پەيغەمبەرنىڭ ھاجەت قىلغۇسى
كىلىپ ، يىراققا كەتتى . " [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 20 . ھەمدە : بۇ ياخشى سەھىيھ
دىگەن . ] ئابدۇررەھمان بىن ئەبۇ قەرادتىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : "
مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن دالىغا چىقتىم ، ھەمدە ئۇ ھاجەت قىلماقچى بولۇپ ،
يىراققا كەتتى . "[ نەسائىي نەقىل قىلغان، 16 . ئۇ يەنە سەھىيھ جامىئېدا بار ، 4651
]
6- ئەۋرەتنى يەرگە يىقىنلاشقاندىن كىيىن ئىچىش ، چۈنكى ئۇنىڭدە بەكرەك يۆگىلىدۇ .
ئەنەستىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن) ھاجەت قىلماقچى بولغاندا ، يەرگە يىقىن بولماي تۇرۇپ كىيىمىنى كۆتۈرمەيىتتى
. [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 14 . ئۇ سەھىيھ جامىئېدا بار ، 4652 ] ئەگەر
ھاجەتخانىدا بولسا ، ئىشىكنى ئەتكەندىن كىيىن ۋە قارىغۇچىلارنىڭ كۆزىدىن
يىپىلغاندىن كىيىن ئاندىن كىيىمىنى كۆتۈرىدۇ . بۇ نۇقتىدىن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكىسىدىن
ئى ھۆرمەتلىك سوئال سورىغۇچى
شۇنى بىلىسىزكى ، غەرپ دۆلەتلىرى ۋە باشقا جايلاردا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى
ھاجەتخانىلاردا ئوچۇق بۆلمىلىرىدە ئۆرە تۇرۇپ سىيىشى بولسا ئەدەپ-قائىدە ، ھايا ۋە
پەزىلەتلىك ئەخلاقلارغا زىت ھەمدە ھەربىر ساغلام تەبىئەت ۋە ئەقىلگە ئىگە كىشىنى
يىرگىندۈرىدۇ . بىر ئادەم قانداقسىگە باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككى
پاچىقى ئارىسىغا ئۇنى يىپىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۇنى يۆگەشكە بۇيرىغان
ئەۋرىتىنى ئاچىدۇ ؟ ئۇنىڭ يىپىلىشىدىن ئىبارەت ئىددىيە ھەر بىر ئىرقتىكى بارلىق
دانا ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى ئورۇن تاپقان . ۋە شۇنىڭدەك
ھاجەتخانىلارنى بۇ ھاياسىز ئۇسلۇپتا سىلىشتىكى پىرىنسىپ خاتا ، چۈنكى ئۇنىڭدا
كىشىلەر بىر-بىرىنى كۆرەلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىيگەندە ۋە تىزەكلىگەندە
ئۆزلىرىنى بىر-بىرىدىن يۇشۇرۇش ئادىتى بار بىر قىسىم ھايۋانلاردىنمۇ پەس قىلىۋىتىدۇ
.
7- يەنە ھاجەتخانىغا كىرگەندە ۋە چىققاندا مەلۇم زىكرىلەرنى ئېيتىش شەرىئەتكە
ئاساسەن ياخشى ئەدەپ بولۇپ ، ئۇ بولسا ئەھۋال ۋە ئورۇنغا ناھايىتى مۇۋاپىق كىلىدۇ .
پەيغەمبىرىمىز(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىزگە ھاجەتخانىغا
كىرگەندە مۇنداق دىيىشنى ئۆگەتكەن : « ئاللاھۇممە ئىىننىي ئەئۇزۇ بىكە مىنەل خۇبۇسى
ۋەل خەبائىس ( ئى ئاللاھ ، سەن بىلەن ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلاردىن ساقلىشىڭنى
سورايمەن .) » ھاجەتخانىدىن چىققاندا : « غۇفرانەك (كەچۈرىشىڭنى سورايمەن. )» دەيدۇ
.
8- ھاجەت قىلىشتىن بىكار بولغاندىن كىيىن ، نىجاسەتنى تازلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى
كىرەك . چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
سۈيدۈكتىن پاكلىنىشقا سەل قاراشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ : « قەبرە ئازابىنىڭ كۆپ قىسمى
سۈيدۈك(سەۋەبىدىن) بولىدۇ . » دىگەن. [ ئىبنۇ ماجەھ نەقىل قىلغان ، 342 . ئۇ سەھىيھ
جامىئېدا بار ، 1202 ] ھەمدە ئىبنۇ ئەبباستىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى
(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىككى قەبرىنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ ،
مۇنداق دىگەن : « ئۇ ئىككىسى ئازاپ تارتىۋاتىدۇ . ئۇلار چوڭ ئىشقا
ئازاپلانمايۋاتىدۇ . لىكىن بۇ بولسا ئۆزىنى سۈيدۈكىدىن ساقلىمايىتتى . ھەمدە ئۇ
بولسا دائىم غەيۋەت توشۇيىتتى . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 5592 ]
9- تازلىنىش ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، نىجاسەت ئۈچ قىتىم ياكى ئۈچ قىتىمدىن كىيىن تاق
يۇيۇلىشى ياكى سۈرتىلىشى كىرەك ، چۈنكى ئائىشەدىن(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)
نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
كاسسىسىنى ئۈچ قىتىم يۇياتتى . ئىبنۇ ئۇمەر مۇنداق دىگەن : " بىزمۇ ئۇنى قىلدۇق ،
ھەمدە ئۇنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ۋە پاكىزلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق . " [ ئىبنۇ
ماجەھ نەقىل قىلغان ، 350 . يەنە سەھىيھ جامىئېغا قاراڭ ، 4993 ] ئەبۇ ھۇرەيرە
نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق
دىگەن : « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنى (تاش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە بىلەن)
تازلىغاندا ، تاق قىتىم تازلىسۇن . » [ ئىمام ئەھمەد نەقىل قىلغان ؛ سەھىيھ
جامىئېدا ياخشى دەپ تۈرگە ئايرىلغان ،375 ]
10- نىجاسەتنى سۈرتۈپ تازلىغاندا ، سۆڭەك ياكى تىزەك ئىشلەتمەسلىكى كىرەك . بەلكى
تازلىق قەغىزى ، تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسنى ئىشلىتىدۇ . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل
قىلىندىكى ، ئۇ ھەمىشە پەيغەمبەرگە (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن) ئۇنىڭ تاھارەت ئىلىشى ۋە ئىستىنجا قىلىشى ئۈچۈن بىر قاچا كۆتۈرۋالاتتى . ئۇ
ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتقاندا ، پەيغەمبەر : « بۇ كىم ؟ » دەپ سورىغان . ئۇ : " مەن ئەبۇ
ھۇرەيرە . " دەپ جاۋاپ بەرگەن . ئۇ : « ئۆزۈمنى تازلىشىم ئۈچۈن تاش تېپىپ كەل ،
لىكىن لىكىن سۆڭەك ياكى تىزەك ئىلىپ كەلمە ! » دىگەن . شۇنىڭ بىلەن مەن تاشلارنى
كىيىمىمنىڭ ئىتىكىدە كۆتۈرۈپ ئىلىپ كەلدىم ، ھەمدە ئۇلارنى ئۇنىڭ يىنىغا قويدۇم ،
ئاندىن كەتتىم . ئۇ تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن ، مەن قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم :
" سۆڭەك ۋە تىزەكتە نىمە چاتاق بار ؟ " . ئۇ : « ئۇلار جىننىڭ يىمەكلىكى . » دىدى .
[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3571 ]
11- توختام سۇغا سىيمەسلىك كىرەك . چۈنكى جابىردىن(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)
نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن) توختام سۇغا سىيىلىشتىن چەكلىگەن . » [مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 423 ] ھەمدە
چۈنكى ، ئۇنداق قىلىش سۇنى نىجىس قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئىستىمال قىلغۇچىغا زىيان
يەتكۈزىدۇ .
12- كىشىلەرنىڭ يولىغا ۋە ئۇلار سايىدايدىغان سايىلارغا سىيمەسلىك كىرەك . چۈنكى
ئۇنداق قىلىش ئۇلارغا ئازار بىرىدۇ . ھەمدە ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ،
ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : «
سىلەر قارغىش پەيدا قىلىدىغان ئىككى نەرسىدىن ھەزەر قىلىڭلار ! » ئۇلار : " ئى
ئاللاھ ئەلچىسى ، قارغىش پەيدا قىلغۇچى ئىككە نەرسە نىمە ؟ " دىدى . ئۇ : «
ئىچىدىكىنى كىشىلەرنىڭ ماڭىدىغان يولىغا ياكى سايىدايدىغان جايىغا بوشىتىش . » [
ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 23 . يەنە سەھىيھ جامىئېغا قاراڭ ، 110 . ]
13- مەينەت جايدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ،
ھاجەت قىلىۋاتقان كىشىگە سالام قىلماسلىق ، ياكى ھاجەت قىلىۋاتقاندا سالامنى ئىلىك
ئالماسلىق كىرەك . [ تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى : ئىسلامى سالام بولسا " ئەسسەلامۇ
ئەلەيكۇم( سىلەرگە تىنچلىق بولسۇن ) " ؛ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىرى بولسا "
سالام( تىنچلىق(بەرگۈچى))" . ] . جابىر بىن ئابدۇللاھ نەقىل قىلدىكى ، بىر كىشى
پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) كىچىك تەرەت
قىلىۋاتقاندا ، ئۇنىڭ يىنىدىن ئۆتتى ، ۋە ئۇنىڭغا سالام قىلدى . ئاللاھ ئەلچىسى
(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنىڭغا : « ئەگەر سەن مىنى بۇ
ئورۇندا كۆرسەڭ ، ماڭا سالام قىلما ! . چۈنكى سەن ئۇنى قىلساڭ ، مەن ئۇنى ئىلىك
ئالمايمەن . » دىدى . [ ئىبنۇ ماجەھ نەقىل قىلغان ، 346. يەنە سەھىيھ جامىئېغا
قاراڭ ، 575 ] كۆپ سانلىق ئالىملار : ھاجەتخانىدا زۆرۈرىيەتسىز گەپ قىلىش مەكرۇھ(
ياقتۇرۇلمايدۇ ) دەيدۇ .
بۇلار بولسا بۇ ھەقتە ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن ، ھەربىر شەخىس بىر كۈندە
نۇرغۇن قىتىم تەكرارلايدىغان بىر قىسىم ئەدەپ-قائىدە ۋە ئەھكاملار . شەرىئەت
مۇشۇنداق ئادەتتىكى ئىشقا شۈنچىلىك كۆڭۈل بۆلگەن يەردە ، تىخىمۇ چوڭ ئىشلارغا نىمە
دىيىش كىرەك ؟ سىز بۇدۇنيادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى ئىلىپ كەلگەن باشقا بىر
دىن ياكى سىستىمىنى بىلەمسىز ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، بۇ ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە
گۈزەللىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك . بىز
ئاللاھتىن بىزگە ۋە سىزگە كۈچ-قۇدرەت بىرىشىنى ، ھەممەيلەننى ھەقىقەتكە يىتەكلىشىنى
سورايمىز . ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد